Uyghur主要词典
جىنەن شەھىرىدىكى جەنۇبىي جامە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى جۇڭچۇي گەنشىچاۋ دۇڭ لىبەيسى كوچىسىدا. 1295 - يىلى سېلىنغان دېيىلىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، دەرسخانا، ئەزان مۇنارىسى، مىئزەنە قاتارلىقلار كېيىن سېلىنغان. يانتۇ يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ، دەرۋازا، ئەزان مۇنارىسى، ئىككىنچى دەرۋازا ۋە لەمپىلىك خانىقا قاتارلىقلار ئۆز رېتى بىلەن ناھايىتى كۆركەم سېلىنغان، مەسچىتتە نۇرغۇن ئابىدە تاشلار بار