Uyghur主要词典
جىن ئىمپېرىيىسى
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
مىلادىيە265 - يىلى سىما يىنىڭ نەۋرىسى سىما يەن ۋېي ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، جىن ئىمپېرىيىسىنى قۇردى، بۇ سۇلالە لوياڭنى پايتەخت قىلىپ، تارىختا غەربىي جىن سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. غەربىي جىن سۇلالىسى مىلادىيە280 - يىلى ۋۇ پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن بۇيانقى90 يىللىق بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى. غەربىي جىن سۇلالىسى مىلادىيە316 - يىلى مۇنقەرز بولدى،52 يىل مەۋجۇت بولۇپ، تۆت پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.
جىن ۋۇدى − سىما يەن ۋۇ پادىشاھلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىنلا، يەر ئىگىلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ قانۇن بويىچە يەر ئىگىلىسە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. بۇ بىر تۈرلۈك يېڭى يەر تۈزۈمى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق ئىدى. شۇڭلاشقا، غەربىي جىن سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا جەمئىيەت بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، نوپۇس كۆپەيدى. بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەش ئۈزۈلمىگەچكە، دۆلەت ناھايىتى تېزلا زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.
غەربىي جىن سۇلالىسى سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پادىشاھ جەمەتىدىكى27 ئاقسۆڭەككە بەگ مەرتىۋىسى بەردى، بۇ بەگلەر بىر پارچە يەرنى باشقۇرۇپلا قالماي، يەنە لەشكىرىي قوشۇنغا ئىگە ئىدى، ئەمەلدارلارنى ئۆزلىرى تەيىنلەيتتى ۋە ئەمەلدىن قالدۇراتتى. شۇنداق قىلىپ، بەزى بەگلەر بارا - بارا بۆلۈنمە كۈچ بولۇپ شەكىللەندى. جىن خۇيدى زامانىسىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەككىز بەگ مەركىزىي ھاكىميەتنى تالىشىپ،16 يىلغا سوزۇلغان قالايمىقان ئۇرۇش ئېلىپ باردى، بۇ تارىختا »سەككىز بەگ يېغىلىقى« دەپ ئاتالدى. كۆپ يىللىق يېغىلىقلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقىگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى.
غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ئېسىلزادە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ چرىكلىشىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئېسىلزادە پومېشچىكلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەلدار بولىدىغان سىياسىي ئىمتىيازى بار ئىدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈرلۈك تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولاتتى، تۇرمۇشى ئىنتايىن چىرىك، ھەشەمەتلىك بولۇپ، كەيپ - ساپا، ئەيش - ئىشرەت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئالايلۇق، جىن ۋۇدى − سىما يەننىڭ كۈيئوغلى ۋاڭ جى ئادەم سۈتى بىلەن چوشقا كۈچۈكىنى باققانلىقى ئۈچۈن، چوشقىنىڭ گۆشى ئىنتايىن تەملىك بولغاچقا، جىن ۋۇدىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. بۇ ئېسىلزادە بيۇروكرات تۆرىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، پۇقرالارنى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى.4 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئاخىر ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىدى.
شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ غەربىي شىمالىي چېگرا رايونلاردىكى ھونلار، سىيانپىيلار، كېشلار، دىلار، چاڭلار قاتارلىق مىللەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئىچكىرىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشتى. مىلادىيە304 - يىلى، ھون ئاقسۆڭىكى ليۇ يۈەن لىشى (ھازىر سەنشىگە تەۋە) دا جىن سۇلالىسىگە قارشى لەشكەر تارتىپ، بۆلۈنمە ھاكىمىيەت قۇرۇپ، خەن پادىشاھلىقى دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىچۇەنگە ئېقىپ كىرگەن سەرگەردان خەلق لى شيۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە چېڭدۇنى ھۇجۇم بىلەن ئىگىلەپ، مىلادىيە304 - يىلى چېڭخەن ھاكىمىيىتىنى قۇردى. سەككىز بەگ يېغىلىقى بېسىقماي تۇرۇپلا، ئىككى بۆلۈنمە ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى.
مىلادىيە311 - يىلى، ھونلارنىڭ ليۇ جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەن پادىشاھلىقى لەشكەرلىرى غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى لوياڭنى ئىگىلەپ، غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ بەگ، تۆرە، ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولۇپ30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قەتل قىلدى، جىن خۇەيدى ئەسىرگە چۈشتى. جىن خۇەيدىنىڭ يىلنامىسى يۇڭجيا بولغاچقا، بۇ دەۋردىكى مالىمانچىلىق تارىختا »يۇڭجيا مالىمانچىلىقى« دەپ ئاتالدى. لوياڭ قولدىن كەتكەندىن كېيىن، سىما يې (جىن مىندى) چاڭئەندە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىدى. مىلادىيە316 - يىلى، چاڭئەن يەنە ھون قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلەندى، جىن مىندى تەسلىم بولدى، غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولدى.
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
مىلادىيە4 - ئەسىرنىڭ باشلىرى، غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەندە، ئەسلىدە شياپى (ھازىرقى جياڭسۇدىكى سۇچيەننىڭ غەربىي شىمالى) نى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان لاڭيا بېگى سىما رۈي307 - يىلى جەنۇبتىكى جيەنكاڭ (ھازىرقى جياڭسۇدىكى نەنجىڭ) غا كېلىپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى ساقلاپ تۇرۇپ، ئوردىنى جەنۇبقا كۆچۈرۈشكە تەييارلاندى. غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىنكى2 - يىلى سىما رۈي جيەنكاڭدا سىما جەمەتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن قۇردى، بۇ تارىختا «شەرقىي جىن سۇلالىسى» دەپ ئاتالدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى11 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ،104 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.
شەرقىي جىن سۇلالىسى جيەنكاڭنى پايتەخت قىلغاندىن كېيىن، شىمالدىكى جايلار ئېغىر بۆلۈنمىچىلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. غەربىي جىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن تارتىپ439 - يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان100 نەچچە يىل مابەينىدە، جۇڭگونىڭ شىمالىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھونلار، كېشلار، دىلار، چاڭلار، سىيانپىيلاردىن ئىبارەت بەش ئاز سانلىق مىللەت ۋە خەنزۇلار16 بۆلۈنمە ھاكىمىيەت قۇرۇپ، »بەش غۇز،16 پادىشاھلىق« دەپ ئاتالدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى ۋە16 پادىشاھلىق دەۋرى ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ بۆلۈنمىچىلىك دەۋرىدۇر. شەرقىي جىن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى شىمالنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، شىمالغا ئىككى قېتىم يۈرۈش قىلدى. بىرى، دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى زۇدىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشى، يەنە بىرى، ئوتتۇرا مەزگىلدىكى خۇەن ۋېننىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشى ئىدى. ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن، شىمالغا يۈرۈشنىڭ ھەر ئىككىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
شەرقىي جىن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوردا ھاكىمىيىتى جەنۇبقا كۆچۈپ كەلگەن چوڭ ئېسىلزادىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى، ۋاڭ، يۈي، خۇەن، شيېدىن ئىبارەت تۆت چوڭ جەمەت80 يىل نۆۋەت بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. شەرقىي جىن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى، يەنە بىرنەچچە قېتىم يەرلىك ئېسىلزادىلەرنىڭ ئوردىغا قارشى توپىلىڭى يۈز بەردى. شۇڭا، شەرقىي جىن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى زەئىپ ھاكىمىيەت ئىدى.
مىلادىيە376 - يىلى دىلار قۇرغان ئالدىنقى چىن ھاكىمىيىتى شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇدرەتلىك بىر ھاكىمىيەت قۇردى. چىن پادىشاھى فۇ جيەن پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە،383 - يىلى پادىشاھلىقتىكى بارلىق قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىپ، مىليون كىشىلىك قوشۇن نامىدا، جەنۇبتىكى شەرقىي جىن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلدى. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى شيې ئەننىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، شيې شۈەن قاتارلىق سەركەردىلەرنىڭ ماھىرلىق بىلەن قوماندانلىق قىلىشى ئارقىسىدا، شەرقىي جىن سۇلالىسى80 مىڭ كىشىلىك ئازغىنە كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىپ، فېيشۇي ئۇرۇشىدا ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقىنىڭ نەچچە100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. فېيشۇي ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئالدىنقى چىن ھاكىمىيىتى تېزلىكتە زاۋاللىققا يۈز تۇتتى، شىمال يەنە مالىمانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.
شەرقىي جىن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، شىمالدىكى بىر قىسىم پۇقرالار ئۇرۇشنىڭ بالايىئاپىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز جەنۇبقا كۆچۈپ، جەنۇبنى زور مىقداردىكى ئەمگەك كۈچى بىلەن تولۇقلىدى. شەرقىي جىن ھاكىمىيىتىمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پايدىلىق بىرقاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، مەسىلەن، بوز يەر ئېچىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرت - ماكانسىز پۇقرالارنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ باردى، نەتىجىدە، جەنۇب ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، سۇن ئېن، لۇ شۈن رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى، قوزغىلاڭ12 يىل داۋام قىلدى. ليۇ يۈي سۇن ئېن، لۇ شۈن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا تۆھپە يارىتىپ، لەشكىرىي ھوقۇقنى ئىگىلەش ئارقىلىق شەرقىي جىن ھاكىمىيىتىنى پەيدىنپەي كونترول قىلدى. مىلادىيە420 - يىلى ليۇ يۈي شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى جىن گۇڭدى − سىما دېۋېننى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ليۇ فامىلىلىكلەرنىڭ سۇڭ خانىدانلىقىنى قۇردى.