Uyghur主要词典
جىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
جىن؛ پەرى، مالەئىكە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي ئەقىدىلەر، چۆچەكلەردە دېيىلىدىغان ئادەمنى ئازدۇرىدىغان، ئادەمگە زىيانداشلىق قىلىدىغان مەخلۇق.
جىن قورققاننى قورقۇتىدۇ. جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا. شەيتاننىڭ پەيلى. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمە. شەيتانغا بارمىقىڭنى بەرسەڭ، قولۇڭنى تارتار. ئۇ خۇداغىمۇ ئىشىنىدۇ، ئالۋاستىغىمۇ ئەگىشىدۇ. ئەل نەزەرىدە ئايال ئەمەس پەرىشتە، ئۆيدە ھازازۇل جېدەل تېرىشتا. ئۆتكۈن ئۆتتى دېگەن گەپنى خېلى ئاڭلدىن. بالىنى قورقۇنچاق ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ئىپتىدائىيد ئېتىقادىدىكى ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدىكى جانلىق نەرسە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭ مىجەزى قوپال بولۇپ، ئىنسانغا ھەمىشە دۈشمەنلىك قىلىدۇ، ئىنسان ئايىغى تەگمىگەن چۆللەردە يۈرىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە قەيت قىلىنىشىچە، ئاللا «جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى» (55 - سۈرىنىڭ 15 - ئايىتى). جىنلارنىڭ ياخشى ۋە يامانلىرى بولىدۇ. مۇقىم شەكلى ۋە جىنسىي ئايرىمىسى بولمايدۇ. بەزىدە ئادەم شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەرخىل ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللادىن ۋەھىي كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ياندا تۇرۇپ ۋەھىينى ئاڭلىغان ھەمدە ئۇنى باشقىلارغا ئېيتىپ بەرگەن. ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىنساننىڭ ئەجدادى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلمىغان جىن ئىبلىس دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەجدادى شەيتاندۇر. ئەرەب رىۋايەتلىرىدە ياكى ئەدەبىياتىدا شەيتان كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> دىنىي، خۇراپىي تەسەۋۋۇرلادىكى خىلۋەت جايلاردا كىشى كۆزىگە ئادەم ۋە باشقا ھەرخىل نەرسىلەر قىياپىتىدە كۆرۈنىدىغان ۋە ئادەمگە بىرەر بەختسىزلىك كەلتۈرىدىغان ئەپسانىۋى مەخلۇق.
جىن تەگمەك. جىن چاپلاشماق.
قورققان يەردە جىن بار (ماقال).
كۆچمە. ناھايىتى كۆرۈمسىز بىر نېمە؛ بەتبەشىرە (كۆرۈمسىز، سەت ئادەم ھەققىدە).
- نېمە دەيدۇ، ماۋۇ جىن، - دېدى ئايشەمگۈل رەقىبىنى مەسخىرە قىلىپ.