Uyghur主要词典
جىن يۇنجى
دۇنيا تارىخى
(1835 - 1922) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ۋەزىرى. تەخەللۇسى شۇچىڭ، لەقىمى يۇنياڭ، جۇڭچىڭ بىيداۋدىكى چىڭفىڭدىن. 1864-يىلى تەشرىپدار بولغان. جۇڭخەيداۋدا مەخپىي تەپتىش بېگى بولغان. 1881-يىلى باشلامچى ئەلچىلىكە تەيىنلەنگەندە 65 نەپەر ئوقۇغچىنى باشلاپ تەينجىندىكى ماشىنىسازلىق جۇجۇقى تەرىپىدىن ئېچىلغان كۇرسقا بېرىپ، ئۇ يەردە غەربنىڭ قورال - ياراقلىرىنى ياساشنى ئۆگەنگەن، ئىككىنچى يىلى <چاۋشيەن - ئامېرىكا شەرتنامىسى> تۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە لى خۇڭجاڭ بىلەن مۇزاكىرىلەشكەن. كېيىن ماشىنسازلىق جۇجۇقىنىڭ باشلىقى بولغان. 1884-يىلى جياشىن سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئاقارتقۇچىلار پارتىيىسى ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغان، كېيىنكى چاغدا ھەربىي لاۋازمەت ئەمەلدارى ۋە سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. خانىش مىننىڭ روسىيەپەرەسلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن يەنچۈەنگە سۈرگۈن قىلىنغان. 1894-يىلى جىجۇ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن جىداۋ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1907-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خانلىق تۈزۈم جۇجۇقىنىڭ لىدىرى، زوراغاللىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ياپونىيىنىڭ چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىشىغا ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ۋىكونتلىق مەرتىۋىسىنى بەرگەن. 1919-يىلى <1-مارت>ھەرىىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ۋىكونتلىق ئۇنۋانىدىن مەھرۇم بولغان، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان مەزگىللەردە ئۆلگەن. ئەسەرلىرىدىن <تيەنجىن ھەققىدە پاراڭلار>، <ينچىڭ تارىخى>، <پنياڭ توپلىمى> قاتارلىق بولۇپ، يېقىنقى زامان چاۋشيەن تارىخىنى تەتىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.