Uyghur主要词典
جەنۇبتىكى قەبىلە ئىتتىپاقى
领域: دۇنيا تارىخى1922-يىلى ئىراننىڭ خۇزىستان دېگەن جايدا قۇرۇلغان مىللىي بۆلگۈنچى تەشكىلات. باشلىقى ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى ئەرەب قەبىلىسىدىكى سەلىم ھەزەر - ئىتتىپاق رىزا پەھلىۋىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمىگە قارشى چىقىپ، ئەنگلىيىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن <مۇستەقىل ئەرەب دۆلىتى> قۇرۇش توغرىسىدا جار سالغان. 1924-يىلى پادىشاھ ئەخمەت شۇنىڭدەك بەختىيارلارنىڭ بەگلىكلىرى بىلەن بىرلىىشپ پادىشاھ رىزانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. 1924-يىلىنىڭ ئاخىرى پادىشاھ رىزا ئارمىيىسنىڭ ھۇجۇم ئاستىدا ئاخىر سەلىم ھەزەر تەسلىم بولۇپ، ئىتتىپاق پارچىلانغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。