Uyghur主要词典
جەنۇب ئالپ تېغى جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
سىسالىپىن جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا قۇرغان جۇمھۇرىيەت. 1796-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىتالىيىگە بېسىپ كىرىشى، ئىتالىيىدە چەت ئەلنىڭ قۇل قىلىشىغا ۋە فېئودالىزمغا قارشى كۈرەشنى تېز ئەۋج ئالدۇرغان ھەمدە بىر قاتار جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1797-يىلى 7-ئايدا ترانسىپادانا جۇمھۇرىيىتى بىلە چىسپادانا جۇمھۇرىيىتى بىرلىشىپ جەنۇبىي ئالپ تېغى جۇمھۇرىيتىنى تەشكىل قىلغان. مىلاننى پايتەخت قىلغان ھەمدە فرانسىيە جۇھمۇرىيىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. <كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامسى> ۋە <ليونېۋىل سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاش ئارقىلىق ئاۋستىرىيىنىڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئىگە بولغان ھەمدە بەزى ئىلغار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئىككىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئارمىيىسى تەرىپىدىن بىر مەھەل ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، فرانسىيە ئارمىيىسى تەنە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇلغان ھەمدە 1802 - يىل 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى نامى ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىپ، ناپولىئون زۇڭتۇڭ بولغان. فرانسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 1805 - يىلى نامىنى ئىتالىيە كورۇللۇقىغا ئۆزگەرتكەن.