Uyghur主要词典
جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لاھىيىسى
领域: دۇنيا تارىخىئەنگىلىيەنىڭ ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت مۇستەملىكە ۋە ئاپتونومىيە ئوبلاستىدا ئىتتىپاق تەشكىللەش قانۇن لايىھىسى. 1909 - يىلى9 - ئايدا ئەنگىلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان. قانۇن لايىھىسىدە، كاپې مۇستەملىكىسى، ترانسىۋال، ئورانگې ۋە ناتال قاتارلىقلارنى قوشۇپ جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى قىلىشنى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىتتىپاق پارلامېنتىنى تەسىس قىلىشنى بەلگىلىگەن. غەيرىي ئاق تەنلىكلەر ۋە باشقا رەڭلىك ئىرقلارنىڭ سايلام ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. پرېتورىيىدە مەمۇرىي ھاكىمىيەت ئورگىنى تەسىس قىلىنغان، كاپېتوندا پارلامېنت، بولومفونتېندا سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن لايىھىسى 1910 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بۈلۇپ، جەنۇبىي ئافرىقائىتتپاقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。