Uyghur主要词典
جانلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچى - مادارى بار، روھى كۆتۈرەڭگۈ.
«تېتىك» قېرىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئېيتىلىدۇ.
جانلىق ئادەم جاندىن غەم يېمەيدۇ. ھاشىم بوۋاي خېلى تېتىك تۇرۇپتۇ. ئىشتا روھلۇق بولساڭ، ئۈنۈمىڭ كۆپ بولىدۇ.
بىئولوگىيە
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھاياتلىققا ئىگە بولغان مەۋجۇدات. ھازىر يەر شارىدا بار بولغان جانلىقلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تېپىلغان ۋە نام بېرىلگەن ھايۋانلار تەخمىنەن بىر مىليون 050 مىڭغا، ئۆسۈملۈكلەر تەخمىنەن 400 مىڭغا يېتىدۇ. يېڭى تۈرلەر يەنە داۋاملىق بايقىلىپ بۇ سان ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. يەر شارىدا ياشاۋاتقان جانلىقلارنىڭ ھەقىقىي تۈر سانى 8 - 10 مىليون بولۇشى مۇمكىن. جانلىقلار يەر شارىغا ئىنتايىن كەڭ تارقالغان بولۇپ، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان شىمالىي قۇتۇپتىن پىژ - پىژ ئىسسىق بولىدىغان ئېكۋاتورغىچە، دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەكتىدىن بۇلۇتقا تاقاشقان تاغ چوققىلىرىغىچە بولغان ھەممىلا يەردە جانلىقلار ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل، مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، پەرقى چوڭ بولىدۇ. بەزىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك، بەزىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك بولىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي، تېنى كىچىك بولۇپ، پەقەت ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۆزەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ۋىرۇس؛ بەزىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلاردا نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان ئورگان سىستېمىلار بولىدۇ، مەسىلەن، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار. بۇرۇن بەزى بىئولوگىيە ئالىملىرى ھازىر بار بولغان جانلىقلارنى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ۋە ھايۋانلار دۇنياسى دەپ ئىككى چوڭ دۇنياغا ئايرىلغانىدى. يېقىندىن بۇيان بەزى ئالىملار ئۇنى يەنە ۋىرۇسلار دۇنياسى، ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلار دۇنياسى، ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلار دۇنياسى، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى، زەمبۇرۇغلار دۇنياسى ۋە ھاۋانلار دۇنياسىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ تۈركۈمگە بۆلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئەڭ كەڭ قوللىنىۋاتقانلىرى ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلار دۇنياسى، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ۋە ھايۋانلار دۇنياسىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
جېنى بار، تىرىك.
جانلىق ئورگانىزم. جانلىق شەيئى.
تىرىك ئورگانىزمدىن تەركىب تاپقان.
جانلىق تەبىئەت.
ياشاۋاتقان، ھايات تۇرغان، تىرىك.
ئۇ ئاشۇ قانلىق تارىخنىڭ جانلىق گۇۋاھى ئىدى.
كۆچمە. جىم تۇرمايدىغان، ھەرىكىتى چاققان، جۇشقۇن، تېتىك؛ روھلۇق.
ئۇنىڭ تەن قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى بۇ كەمچىلىكىنى چاقماقتەك سۆزلىشى، جانلىق ھەرىكەتلىرى يېپىپ كېتەتتى.
كۆچمە. چىن، ھەقىقىي، ئەمەلىي.
خەمىتكە بۇ مۇسابىقە بىر جانلىق دەرس بولغاندەك تۇيۇلدى.
كۆچمە. جۇش ئۇرۇپ تۇرغان، جۇشقۇن.
ھەممەيلەن شۇنچە شاد - خۇرام، شۇنچە تېتىك، شۇنچە جانلىق ئىدى.