Uyghur主要词典
جانلىقلار كلاسسفىكاتسىيىسى
领域: بىئولوگىيەئادەتتە سۈنئىي كلاسسىفىكاتسىيە (arssfication)(natural classfication) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سۈنئىي كلاسسىفىكاتسىيە كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جانلىقلارنىڭ مەلۇم ئالامىتى ياكى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان مەلۇم ئۆلچەملەردىن خالىغان بىرىنى تاللاپ سىستېمىلارغا بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، جانلىقلارنى سۇدا ياشايدىغان، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان، پايدىلىق، زىيانلىق، ئۆمىلىگۈچىلەر ۋە ئۇچىدىغانلار قاتارلىقلارغا بۆلۈش، بۇ خىل بۆلۈش جانلىقلاردىن پايدىلىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىق، مۇناسىۋەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ھازىر ئىشلىتىمەيدۇ. تەبىىي كلاسسىفىكاتسىيە جانلىقلارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدار، بىئوخىمىيە ۋە ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل بۆلۈش جانلىقلار تېنىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى بىر قەدەر ھەقىقىيراق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ سۈنئىي كلاسسىفىكاتسىيىسىگە قارىغاندا ئوبيېكتىپ ئەھۋالغا تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ. ھازىر، جانلىقلار كلاسسىفىكاتسىيىسىدە تەبىئىي كلاسسىفىكاتسىيىسە قوللىنىلىۋاتىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。