Uyghur主要词典
جانلاندۇرۇش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بەدىئىي تەسۋىر ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنسانغا خاس قابىلىيەت ۋە خۇسۇسىيەتلەرنى سۆزلەش، ھېس قىلىش، پىكىر قىلىش ۋەھەكازالارنى ھايۋانلارغا، جانسىز نەرسىلەرگە كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت. كلاسسىك يازغۇچىلار بۇ ئۇسۇلدىن تولا پايدىلانغان. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە جانلاندۇرۇش كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئايرىم بېيت ۋە مىسرالاردىمۇ قوللىنىلغان:
...پىغان ئەيلەر رابابى ياد قىلۇر،
ئۇرار كۆكسىگەيۇ پەرياد قىلۇر،
ئۇزارتىپ بوينىنى بىجار، تەمبۇر،
مېنىڭ ھالىمغا يىغلار، نالەشىن كۆر..
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەدەبىيات
ئەدەبىياتتىكى بەدىئىي تەسۋىر ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. بۇ ئۇسۇلدا، ئىنسانغا خاس قابىلىيەتلەر ھايۋان ۋە جانسىز نەرسىلەرگە كۆچۈرۈلىدۇ ياكى ئىنسانلار ھايۋان ۋە نەرسە سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ.