Uyghur主要词典
جامە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تون، كىيىم، لىباس:
ساڭا گۇل بەردى فۇرقەت نامەسىنى،
يۈزىن قان قىلدى يىرتىپ جامەسىنى.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كىيىم: جامەنى چاك ئېتىش - كىيىمنى يىرتىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئىبادەت قىلىدىغان يەر، ناماز ئوقۇيدىغان جاي.
<مەسچىت> ئومۇمىي نام.
<جامە، خانىقا> چوڭراق بولىدۇ، جۈمە نامىزى ئوقۇشقا باب كېلىدۇ، ئادەتتىكى مېھرابتىن باشقا، خۇتبە ئوقۇيدىغان مۇنبەر بولىدۇ.
<ھېيتگاھ> ئەڭ چوڭ، ھېيت نامىزى ئوقۇش
مەسچىتتە مورا يوق، ئادەتكە دورا. كۈندۈزى چېركاۋنى ياقىلايدۇ، كېچىسى جامەنى مارىلايدۇ. خانىقا - خان خوجامنىڭ خانىسى. داچەن ئوينا تاۋكادا، پۇلنى خەجلە ھېيتگاھدا.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «جامائەت توپلىشىدىغان جاي» دېگەنلىك بولىدۇ. كۆلىمى چوڭراق مەسچىتلەر «جامە» دېيىلىدۇ. بىنانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدا چوڭ زالدىن باشقا، مېھراپ، مۇنبەر، پەشتاق، تاھارەت ئېلىش ئورنى بولىدۇ. بەزىلىرىگە مۇنچا، شىپاخانا، كىتابخانا، دەرسخانا، پاراۋانلىق مۇئەسسەسەلىرى سېلىنغان بولىدۇ. تارىختا خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر بەسرە، كۇفە ۋە مىسىردىكى سەركەردىلەرگە ئادەتتىكى كۈنلىرىدىكى نامازنى مەسچىتتە ئوقۇش، جۈمە نامىزىنى جامەدە ئوقۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن. ئۇمەييە سۇلالىسى دەۋرىدە خەلىپە ياكى خەلىپىنىڭ ۋەكىلى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان مەسچىت ھۆكۈمەت مەسچىتى دەپ ئاتالدى. ئۇ مەسچىتلەر ناماز ئوقۇشقا ئىشلىتىلگەندىن باشقا، دىن ۋە ھەق تەلەپ دەۋالىرىغا ھۆكۈم قىلىدىغان سورۇن قىلىندى. شىنقاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلار جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مەسچىتلەر «جامە» دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جامائەتلەر توپلىشىپ، جۈمە نامىزى ۋە ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇيدىغان ئەڭ چوڭ مەركىزىي مەسچىت.