Uyghur主要词典
جامى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچى ۋە شائىر. ھىراتتىكى جام (ھازىرقى ئافغانىستان چېگرىسى ئىچى) دا دۇنياغا كەلگەن. نەقىشبەندىنىڭ شاگىرتى ياقۇب جەرھى (< - 1447) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى، پىرقە باشلىقى سەئىددىن مۇھەممەد قەشگارى (؟ - 1455) نى ئۇستاز تۇتتى. كېيىن ھىراتتا مەنىۋى ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە ئىلمىي ئەسەر يازدى ۋە شېئىر - ناخشا ئىجاد قىلدى. شېئىرلىرى بىلەن ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلدى. ھىراتتا ئالەمدىن ئۆتتى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. جامى ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەر يازدى. ئۇ يازغان يەتتە داستان ئىچىدىكى بەزى شېئىرلار تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. >سالمان بىلەن ئەبسال<، >تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئېتىقادى< قاتارلىق پوئېمىلىرىدا تەسەۋۋۇپنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىلىرى ئاممىباب تىل بىلەن تەرغىپ قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەر ئەل ئىچىدە كەڭ تارقالغان. ئىسلام دۇنياسىدا ۋە جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى.