Uyghur主要词典
جامالىددىن ئافغانى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1838 - ياكى 1839 - 1897) يېقىنقى زاماندىكى پان ئىسلاھىزمغا ئاساس سالغان ئادەم. پرسىيىدىكى ھەمەداننىڭ يېنىدىكى ئەسەدباد مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بەزىلەر ئافغانىستاندىكى كابول ئەتراپىدا دۇنياغا كەلگەن، دەيدۇ. جامالىددىن بۇخارادا ئوقۇدى. 1857 - يىلى ھەج قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، <ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى> توغرىسىدىكى ئىدىيىنى تەشۋىق قىلدى. ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى ئافغانىستاندا سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەركىنلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغانلىقتىن، ئەنگلىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئافغانىستاندىن كېتىشكە مەجبۇر بولدى. كېيىن ھىندىستان، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە تۈركىيىنى ئايلاندى. 1871 - يىلى مىسىردا ئولتۇراقلىشىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئىلمىي تەۋھىد ۋە پەلسەپە توغرىسىدا دەرس ئۆتتى. 1882 - يىلىدىن 1889 - يىلىغىچە لوندون، پارىژ ۋە سان پېتېربۇرگ قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى ۋە گېزىتلەرگە ماقالە يېزىپ بەردى. 1884 - يىلى پارىژدا <ئەل ئۇرۋەتۇل ۋۇسقا> ناملىق ژۇرنال چىقىرىپ، ئەنگلىيىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى قىلمىشلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى. ژۇرنال 18 سان چىقىرىلغاندىن كېيىن پىچەتلىۋېتىلدى. كېيىن لوندون، پرسىيە، روسىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پان ئىسلامىزم ئىدىيىسىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلدى. ئىسلام تارىخىنى ۋە پەلسەپىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، غەربنىڭ ئەۋزەل ماددىي مەدەنىيىتى شەرققە خەۋپ، دەپ قارىدى. ھەممە ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنى ياۋرۇپالىقلارنىڭ تالان - تاراج قىلىشىدىن ۋە تەسىرىدىن ئازاد قىلالايدىغان خەلىپىنىڭ قول ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ سىياسىي، دىنىي تەشەببۇسى شەرقتىكى ئىسلام دۆلەتلىرىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. جامالىددىن ئافغانى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى (1892 - يىلىدىن 1897 - يىلىغىچە) تۈركىيە سۇلتانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىستامبولغا كۆچۈپ بېرىپ، سۇلتاننىڭ ئابرۇيىغا تايىنىپ، پان ئىسلامىزلىق ھەرىكەت پروگراممىسىنى يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلدى. كېيىن ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىپ، تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتتى. 1945 - يىلى جەسىتى ئافغانىستاندىكى كابول ئەتراپىغا يۆتكەپ كېلىندى. ئۇ <ناتۇرالىستلارغا رەددىيە>، <جامالىدىننىڭ لىنانغا جاۋابى>، <پەلسەپىنىڭ پايدىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.