Uyghur主要词典
جامائەتىل ئىسلامى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بەزى تەرجىمىلەردە <ئىسلام پارتىيسىى> دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ دىنىي - سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، بۇنى مەۋدۇدى 1941 - يىلى لاھۇردا قۇردى. دەسلەپ ئاران 75 ئەزاسى بار ئىدى. ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ تەشكىلات پاكىستان، ھىندىستان، جام ۋە كەشمىردىن ئىبارەت ئۈچ تارماققا بۆلۈندى، پاكىستان تارمىقىنىڭ تەسىرى چوڭراق بولدى. ئۇزۇنغىچە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ بولدى. ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، شەرىئەتنى ئاساس قىلىپ، <ئىسمى جىسمىغا لايىق> ئىسلام دۆلىتى، ئىسلام جەمئىيىتى ۋە ئىسلام تەرتىپى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. پاكىستان دۆلىتى ئىسلام روھىغا باي، دەپ ھېسابلاپ، دۆلەتنى تەدرىجىي ئىسلاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئىسلام ئەقىدىسى ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى، ئىقتىسادىي ئادىللىقنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. كارخانىلارنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ۋە <يەر ئىسلاھاتى> غا قارشى تۇردى. نامراتلارغا زاكات تۈزۈمى ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنى، نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. 1953 - يىلى 6 - ئايدا ئەھمەدىيە مەزھپىگە قارشى مەزھەپ توقۇنۇشىنى قۇتۇراتتى. ئۇنىڭ ئەزالىرى سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پائالىيىتىنى كېيىن ئەسلىگە كەلتۈردى. ئىچكى جەھەتتە قاتنىشىدىغان شەرتلەرنى قاتتىق قىلدى. زىيالىيلار، ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار، ھەربىيلەر ئارىسىدا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە بولدى. كەڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت باغلىدى. ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى باش جەمئىيەت بولدى. ئالىي رەھبىرى <ئەمىر> دەپ ئاتالدى.