Uyghur主要词典
يېزا ئىگىلىك سوتسىيالىزمى
دۇنيا تارىخى
لېنىن روسىيىدىكى نارودنىكلار تەنقى قىلغاندا ئىشلەتكەن <دېھقانلار سوتسىيالىزمى> دېگەن ئاتالغۇدىن كەلگەن، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر خىل تەڭ تەقسىماتچىلىق ئىدىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار يەر ۋە ھەممە مال - مۈلۈكنى تەڭ تەقسىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى <باراۋەر> بولغان ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىگە ئايلاندۇرۇش - سوتسىيالىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېمەكتۇر، بۇ ئارقىلىق كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىدىن خالى بولغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسايلايدۇ. بۇ فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زۇلمى ئاستىدىكى دېھقانلارنىڭ پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ يەر مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، دېھقانلار يەر مۈلۈكچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىنقىلابىي تەلىپىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن. بىراق، بۇ خىل ئىدىيە ئېقىمىنىڭ ماھىيىتى - ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىلىك قىلىپ، بىر خىل <باراۋەر> بولغان ئۇششاق دېھقانلار ئىگىلىكى مەڭگۈ گۈللەپ - ياشناپ تۇرىدىغان غايىۋى ئالەمنى قۇرۇشنى خام خىيال قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئاقىۋىتى مۇقەررەر ھالدا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلاتتى، شۇڭا ئۇ بىرخىل قالاق ۋە ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.