Uyghur主要词典
يېزا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاساسەن دېھقانلار، چارۋىچىلار، ئورناشقان جايلار، شەھەرگە نىسبەتەن، ئاساسەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قىلىنىدىغان جايلار.
<يېزا> مەملىكىتىمىزدە بىر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورنى، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرغان يەر.
<كەنت>، <مەھەللە> يېزا ئاستىدىكى مۇختارىيات
يېزىلاردا بىۋاسىتە سايلام يۈگۈزۈلىدۇ. كەنت مەمۇرىي كەنت تەبىئىي كەنت، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مەھەللەڭ تىنچ بولسا، <ئامان مەن> دە. ياخشى ئايغىر ئۇيۇرىنى بۆرىگە ئالدۇرماس، ياخشى يىگىت ئاۋۇلىنى ئوغرىغا ئالدۇرماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاھالىسى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاي، مەھەللە، رايون؛ قىشلاق؛ سەھرا.
ئۇ خوتۇن بالا - چاقىلىرى بىلەن يېزىدا تۇرىدىكەن.
مەملىكىتىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون بۆلۈنمىسىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي ئورگىنى. ئادەتتە ناھىيە ياكى تاھىپە دەرىجىلىك ئورگاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا يەنە كەنتلەر بولىدۇ.