Uyghur主要词典
يېزا ئىگىلىكنى تەرتىپكە سېلىش قانۇنى
领域: دۇنيا تارىخىئامېرىكىدا <يېڭى سىياسەت> نى يولغا قويغان مەزگىلدە چىقىرىلغان مۇھىم قانۇن. 1929 - 1933 - يىللىرى ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكى كرىزىس ئىچىدە قالغان. يېزىلاردا ئېزىلىشكە قارشى كۈرەش ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ، داغدۇغىلىق ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن. شۇ سەۋەپتىن 1933 - يىلى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت پارلامېنتنىڭ مەزكۇر قانۇننى ماقۇللىشىغا رەسمىي ئىمزا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش ۋە ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاختاي باھاسىنى بېكىتىش ئارقىلىق ئېشىپ قالغان ئاشلىقلارنى تۈگىتىش؛ ھۆكۈمەت بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار توختام تۈزۈپ، ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردەم قىلىش ئارقىلىق تېرىلغۇ يەرلەرنى ۋە زىرائەت مىقدارىنى ئازايتىش؛ ھۆكۈمەت بېرىدىغان قوشۇمچە ياردەمنى بەلگىلىگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بېجىدىن چىقىرىۋېلىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاختاي باھاسىنى، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرى سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاساس قىلىپ، 1909 - 1929 - يىللاردىكى كوممىقوناق، پاختا، بۇغداي، گۈرۈچ، توڭگۇز، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە 1919 - 1929 - يىللىرىدىكى تاماكا باھاسىنى ئۆلچەم سىزىقى قىلىپ بەلگىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش مەھكىمىسى تەسىس قىلغان. كېيىن بۇ قانۇن لايىھىسىگە كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋە تولۇقلانغان. بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە، 40 مىليون ئاكىر (ئىنگلىز موسى) تېرىلغۇ يەر تېرىلىشتىن توختىتىلغان، زور مىقداردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن چارۋىچىلار نابۇت قىلىنغان ۋە قېزىۋېتىلگەن، بۇنىڭدىن يىرىك يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى نەپ ئالغان، ئۇششاق يېزا ئىگىلىك مەيدان خوجايىنلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلەتكەن، يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى ئىشسىزلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن. 1936 - يىلى 1 - ئايدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسى قايتا ئۆرلەپ كەتكەن. شۇ ئايدا ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قانۇننى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ جاكارلاپ ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。