Uyghur主要词典
يۇماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يۇماق، = يۇۋماق:
دەر ئېردىكى: ئەي جان يېمە ئەسلە غەم،
يۇما غەم سۈيىدە ئۇزارىڭنى ھەم.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يۇيماق، تازىلىماق، پاكىزلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەينەت نەرسىلەرنى سۇ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن چايقاپ پاكىزلىمەك، تازىلىماق.
كىر يۇماق. يۈزىنى يۇماق.
فوتو نېگاتىپلىرىنىڭ سۈرىتىنى چىقارماق.
رەسىم يۇماق.
كۆچمە. ياخشى ئىش قىلىپ، خىزمەت كۆرسىتىش ئارقىلىق خاتالىقىنى تۈزەتمەك.
گۇناھىنى يۇماق.
كۆچمە. بىرەر خاتالىق، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇش تۈپەيلىدىن خەيرلىك، ياخشى ئىشلىرىنى يوققا چىقارماق.
- مۇشۇ بىر ئىشىڭ بىلەن نەچچە يىلدىن بېرى قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭنى يۇۋەتتىڭ - دە، ئىسىت، - دېدى دادىسى.
كۆچمە. بىراۋنىڭ ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت، نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ زىياپىتىدە بولماق.
بىزنىڭ قولۇم - قوشنىلار ئازغىنە بىر يېڭىلىق بولغاننى كۆرسە يۇيىمىز دەپ ئون - يىگىرمە تەڭگە خەجلەتكۈزمەي قالمايدۇ.