Uyghur主要词典
يۇلىئان
دۇنيا تارىخى
(332 - 336) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (361 - 363). كونستانتىنوپول (ۋىزانتىيە) دا تۇغۇلغان. كونستانتىنوس Ⅰ نىڭ جىيەنى. كىچىكىدىنلا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلغان. مىلادى 355 - يىلى ئافىناغا بېرىپ، يۇنان ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپە (يېڭى ئەپلاتونچىلىق) نى تەتقىق قىلىپ بىدئەتچىلىككە مايىللاشقان بولسىمۇ، لېكىن خرىستىئان دىنىغا بولغان ئېتىقادىدىن ئاشكارا ۋاز كەچمىگەن. شۇ يىلى قىشتا ئىمپېراتور كونستانتىئوس Ⅱ ئۇنىڭغا <كائېسار> نامى بېرىپ، گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە ئەتراپى) گە چېگرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەۋەتكەن، رېين دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گېرمان چېگرىسىغا كىرىپ، ئالامانلار ۋە فرانكلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى يېڭىپ، كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشلاردا خىزمەت كۆرسەتكەن. كونستانتىئوس ئۇنى يەنى شەرققە ساسانىيلار پېرسىيىسى بىلەن ئۇرۇشقا ئەۋەتكەندە، گاللىيە قوشۇنى بۇيرۇققا بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ، يۇلىئاننى يۆلەپ ئىمپېراتور قىلغان (360 - يىلى). ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، قوشۇن باشلاپ كونستانتىنوپولغا ھۇجۇم قىلغان. كونستانتىئوس قارشى جەڭ قىلىپ كىچىك ئاسىيادا ئۆلگەن (361 - يىل). يۇلىئان تەختكە چىقىپ، ئۆزىنىڭ بىدئەتلىكىنى ئاشكارا جاكارلىغان ھەمدە بىدئەتلەرنى ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەپ، خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ مەكتەپلەردە گرامماتىكا، ستىلىستىكا دەرسلىرىنى ئۆتۈشىنى مەنئىي قىلغان. يەھۇدىيلارنىڭ ئېرۇسالىم ئىبادەتخانىسىنى قايتا رېمونت قىلىشىغا يول قويغان. ئاغزىدا دىنغا قارىتا كەڭ قورساقلىق سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خرىستىئان چېركاۋىغا زەربە بەرگەن. شۇڭ كېيىنكى چاغلاردىكى چېركاۋ يازغۇچىلىرى ئۇنى چۆكۈرۈپ <بىدئەت> دەپ ئاتىغان. مىلادى 362 - يىلى سۈرىيىگە بېرىپ، پېرسىيە بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلانغان. كېيىنكى يىلى ئېئۇپراتس دەرياسى ۋە تىگرىس دەرياسىدىن ئۆتۈپ، 5 - ئايدا جەڭدە يارىلىنىپ ئۆلگەن. ھازىر ئۇنىڭ بىر قانچە ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ مەكتۇپلىرى، نۇتۇقلىرى، ھەجۋىي ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خرىستىئان دىنىنى تەنقىد قىلىدىغان قىسىملىرى يوقىلىپ كەتكەن