Uyghur主要词典
يۈرەكلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان، قورقۇشنى بىلمەيدىغان.
قۇرقماسقا يىراقمۇ يېقىن. قورقماسقا يول ئوچۇق. ئۇ - قاپ يۈرەك يىگىت. تۇرسۇن ئۆزىنى توختىتىۋالدى، يەنە بىردىنلا توم يۈرەك بولۇپ قالدى. يۈرەكلىك كىشى يولۋاسنى بوي سۇندۇرالايدۇ. جاپپارنىڭ ئوغلى جىگەرلىك بالا بوپتۇ. ناھەقچىلىققا قارشى چىقالايدۇ. جىگىرى بار يىگىتلەر جەڭدە دۈشمەن بىلەن ئېلىشماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قورقماس، باتۇر، غەيرەت - شىجائەتلىك.
بارات يۈرەكلىك ئادەم ئىدى.
رەۋ. قورقماي تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن.
ئۇلار يىغىنلاردا قالتىس يۈرەكلىك سۆزلەيتتى.