Uyghur主要词典
يۈرەككە ئوت ياقماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ ئىشق - مۇھەببىتىنى، سۆيگۈسىنى قوزغىماق.
تاپالمىدىم پەرۋاز ئۇرۇپ سەندەك گۈزەل رۇخسارىنى، يۈرىكىمگە ئوت يېقىپ مىڭ پارە قىلدىڭ، سەن مېنى.
كۈچلۈك قىزىقىش، تەلپۈنۈش، تەشنا بولۇش تۇيغۇسىنى قوزغىماق.
يۇرتىمىزنى كۆرۈپ كەلگەنلەر ئۇ يەردىكى ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، يۈرىكىمگە ئوت يېقىۋەتتى.