Uyghur主要词典
يۈرۈش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسمداش.
قوشۇننىڭ كۆزلىگەن يەرگە مېڭىشى.
مىللىي ئارمىيە ماناس ئالدىنقى سېپىگە يۈرۈش قىلدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
«يۈر» نىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
قانداق، ئىشلىرىڭ يۈرۈشتىمۇ؟ ھەئە، ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ كەتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
تۈركۈم، گۇرۇپپا.
بىر يۈرۈش ئۆي ئالدىم. * تىل مەسىلىسى توغرىسىدا بىر يۈرۈش كىتاب چىقتى.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
قاتنايدىغان ۋاستە ياكى بىر ياققا بارىدىغان ئادەم. مەسىلەن: يۈرۈش چىقىپ قالسىلا بارىمەن؛ بىرەر يۈرۈش چىقىپ قالسىلا ئەۋەتىپ بېرىمەن.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
قائىدە، نىزام، پەدە، چە. مەسىلەن: قۇمۇل يۈرۈشىدە - قۇمۇلچە، قۇمۇل پەدىسىدە، قۇمۇل قائىدىسىدە؛ ئۇ ناخشىنى قۇمۇل يۈرۈشىدە ئېيتىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ <قۇر>، <تو> دېگەندەك مىقدار ئوقۇمىنى ئىپادىلەيدۇ.
بىر يۈرۈش كىتاب. ئىككى يۈرۈش كىيىم.
ئى. توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇراسىملاردا مۇراسىم ئىگىسىگە بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پۇل ياكى كىيىم - كېچەك، رەخت قاتارلىق سوۋغات، ئومۇمەن ماددىي سوۋغات.
- يۈرۈش كۆتۈرۈپ بارمىساق سەت تۇرا، - دېدى ئۇ تۇراخۇنغا.
توينىڭ يۈرۈشىگە ئەللىك كىيىملىكىتن ئارتۇق رەخت چۈشۈپتۇ.
ئى. ئاتنىڭ بىر خىلى مېڭىش ھالىتى.
مەن ئاتنىڭ يۈرۈشى بىلەن كېتىۋاتاتتىم.