Uyghur主要词典
يىرتقۇچ قۇشلار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
زوئولوگىيە
قۇشلارنىڭ بىر تۈركۈمى. بۇ خىل قۇشلارنىڭ تۇمشۇقى قىسقا ياكى ئۇچلۇق، ئۆتكۈر، ئۈستۈنكى تۇمشۇقى ئۇچلۇق ھەم ئىلمەك، قانىتى چوڭ، تاپان سۆڭىكى تەرەققىي قىلغان، ئۇچۇشقا ماھىر، پۇتلىرى قىسقا، توم ۋە مەزمۇت كېلىدۇ. بارماقلىرىدا قارماقسىمان تىرناقلىرى بولىدۇ. كۆرۈش سېزمى ئۆتكۈر كېلىدۇ. باشقا قۇشلار ۋە كىچىك ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. مەسىلەن، تازقارا، بۈركۈت، سار قاتارلىقلارغا ئوخشاش.