Uyghur主要词典
يىرتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قەغەز، لاتىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى قول ياكى باشقا نەرسىلەر ۋاسىتىسى بىلەن پارچىلىماق، بۆلەكلەرگە ئاجراتماق، پارچە - پارچە قىلماق؛ بۇزماق.
تۆمۈر رېشاتكا ئۇنىڭ يەڭلىرىنى يىرتىۋەتتى.
كۆچمە. تۈرلۈك يازما توختام، كېلىشىم قاتارلىقلارنى بىكار قىلماق، ئىناۋەتسىز قىلماق، ئۇنى ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى توختاتماق.
ئۇلار سۆھبەت جوزىسىدىن ئايرىلىپلا، بىتىمنىڭ سىياھى قۇرۇمايلا بىتىمنى يىرتىپ تاشلىدى.