Uyghur主要词典
يېرىم ئۆتكۈزگۈچ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
فىزىكا
توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئۆتكۈزگۈچ بىلەن ئىزولياتور ئارىلىقىدا بولغان ماددىلار. مەسىلەن، گېرمانىي، كرېمنىي، سېلېن ۋە نۇرغۇنلىغان ئوكسىد، سۇلفىد قاتارلىقلار. بۇ خىل ماددىلار بىر يۆنىلىشلىك توك ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دېتېكتور، توغرىلىغۇچ، تېرموقارشىلىق، فوتوقارشىلىق ۋە كرىستال لامپا قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ.