Uyghur主要词典
يېرىم ئارال ئادەملىرى
دۇنيا تارىخى
16 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىدىكى خەلقنىڭ ياۋروپادا تۇغۇلغان ۋە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىسپانلارغا قويغان كەمسىتىش نامى. چۈنكى ئىسپانىيە ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىغا جايلاشقانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئومۇمەن ئەسلىدىكى سۇنغان ئىسپان پومېشچىكلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار - ئالىيجاناپلار بولۇپ، خان جەمەتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ئامېركىدىكى مۇستەملىكە زېمىنلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، مەمۇرىي، ھەربىي ۋە چېركاۋلارنىڭ بارلىق يۇقىرى ھوقۇقلىرىنى ئىگىلىۋالغان ياكى توپ تارقىتىش سودىگىرى بولغان. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقرى قاتىلىمى بولغاچقا ئۆزلىرىنى <ئالىي ئىرق> دەپ ئاتاپ، تۆۋەن قاتلام خەلقىنى ھىيلە - مىكىر بىلەن قاقتى - سوقتى قىلغان. ئۇلار ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىلىرى ئومۇمىي نوپوسىدا ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، 1800 - يىلىغا كەلگەندە ئاران 300 مىڭ كىشى ئەتراپىدا بولغان.