Uyghur主要词典
يېرىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر نەرسىنىڭ ئىككى تەڭ قىسمىنىڭ بىرى؛ پۈتۈننىڭ ئىككىدىن بىرىگە تەڭ مىقدارى؛ بىر نەرسىنىڭ ئوتتۇرا بېلى، تولۇق ئەمەس، چالا؛ 5.0 1/2.
يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق. ئىككى يارتا بىر پۈتۈن. يېرىم - يارتا بىلىش ئەڭ خەتەرلىك. نىسپىي شەب. يېشىم ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈمنىڭ تېڭى كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مەلۇم بىر نەرسىنىڭ ئىككىدىن بىرى، تەڭ ئىككىگە بۆلۈنگەندىكى بىر قىسمى.
ياماندىن ئاشقان يېرىم قوشۇق (ماقال).
بىر نەرسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسى، ئوتتۇرا بېلى، ئوتتۇرا قىسمى.
سەن يېرىم يولدا چۈشۈپ قېلىپ، نەگە بارماقچى ئىدىڭ؟
تولۇق ئەمەس، كەم، چالا، يېتەرسىز، پۈتۈن ئەمەس.
لەيلىگۈل كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ، غىپپىدە ئارقىسىغا ياندى.
كۆچمە. غەمكىن.
كۆڭلى يېرىم.