Uyghur主要词典
يىراق شەرق ميۇنخېنى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگونى قۇربان قىلىش ھېسابىغان، ياپونىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىش سۈيىقەستى. 1938 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ ياپونىغا قارشى ئۇرۇشى ستراتېگىيىلىك مۇداپىئەلىنىش باسقۇچىدىن ستراتېگىيىلىك تىركىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان، ياپونىيە جاھانگىرلىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا سىياسىي تەسلىم بولۇشقا قىزىقتۇرۇش پائالىيىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن. ئەنگلىيە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىمۇ جۇڭگو بىلەن ياپونىيە توقۇنۇشىنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشنى باھانە قىلىپ <تىنچ ئوكيان خەلقئارا يىغىنى> چاقىرىشنى پىلانلاپ جياڭ جيېشى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ياپونىيە بىلەن <سۈلھ قىلىش> قا قىزىقتۇرغان. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ پاش قىلىشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي قارشىلىقى تۈپەيلىدىن <تىنچ ئوكيان خەلقئارا يىغىنى> نى ئاچالمىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەشنى جىددىيلەشتۈرگەن. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى چوڭقۇرلاشقان. بۇ زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 1941 - يىل 3 - ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا يەنە ياپونىيە بىلەن مەخپىي سوھبەت ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى قۇربان قىلىپ بېرىش شەرتى بىلەن ياپونىيىنىڭ <ئىشىكنى ئېچىۋېتىش> نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماقۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي قارشىلىقى ۋە ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدكى زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى تۈپەيلىدىن يېڭى ميۇنخېن سۈيىقەستى ئىشقا ئاشمىغان.