Uyghur主要词典
يىراقلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسە ياكى كىشىنىڭ يېنىدىن يىراققا كەتمەك، ئايرىلماق، نېرى بولماق، ئۇزاقلاشماق.
ئۇ بۇلاق بېشىدىن يىراقلاشتى.
ھېلىقى ناخشا ئاۋازى بارغانسېرى يىراقلاشماقتا ئىدى.
كۆچمە. ئۇرۇق - تۇغقانلىق، دوستلۇق ئالاقىلىرى سۇسلاشماق.
مەن ئۆزۈمنىڭلا غېمىدە بولۇپ، سەندىن يىراقلىشىپ كەتتىم.
كۆچمە. پەرق چوڭايماق.
مۇشۇ كۈنلەردە ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن كۆز قاراش جەھەتتىنمۇ خېلىلا يىراقلىشىپ كېتىۋاتاتتى.