Uyghur主要词典
يىراق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزۇن ئارىلىق.
كۆزدىن يىراق - كۆڭۈلدىن يىراق. قىڭغايغان يۈك يىراققا بارماقس. يول يىراق بولسا بولسۇن، كۆڭۈل يىراق بولمىسۇن. ئوڭاي كەلگەن ئۇزاققا بارماس. يالغان سۆز ئۇزاققا بارالماس، يالغانچىنىڭ كېمىسى يىراققا بارالماس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىراق.
يىراق يېر _ يىراق يەر. تۇغقان ۋە باشقىلارنىڭ يىراق بولغانلىرىغىمۇ بۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. شېئىردامۇنداق كەلگەن:
ئوغراغىم كەندۈ يىراق
بۇلنادى مەنى قاراق
«نىشانىم ئۆزى يىراق (ئىدى)،
قارا كۆزلەر مېنى ئەسىر قىلدى.»
نىشانىم (بارىدىغان يېرىم) يىراق ئىدى، سۆيۈملۈكۈمنىڭ قارا كۆزلىرى مېنى ئەسىر قىلىپ، يولۇمنى توسۇپ قويدى.
3 - 36
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئارىلىقى، مۇساپىسى نېرى، يېقىن ئەمەس، ئۇزۇن.
مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى بەك يىراق ئىدى.
بىراق نۇرىدىن يىگىرمە كۈن ئىچىدە ناھايىتى يىراق كەتكەنىكەن.
ئى. سۆزلىگۈچى تۇرغان يەردىن ئارىلىقى، مۇساپىسى ئۇزۇن بولغان جاي.
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ يىراقلارغا كۆز تاشلىدىم.
سۈپ. مۇساپىسى ئۇزۇن ھەم نېرى جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان.
مەن دادامنىڭ يىراق سەپەردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، دەرھال ئۆيگە يۈگۈردۈم.
سۈپ. ئالاقىسى، مۇناسىۋىتى تازا قويۇق ئەمەس.
- ياقەي، بىز يىراق ئەمەس، كۆڭلىمىز يېقىن.
ئويلاپ قىلساڭ سۆزۈڭنى، ئامما بولىدۇ ئامراق. يوغان تۇتساڭ ئۆزۈڭنى، ئەل بولۇر سەندىن يىراق.
سۈپ. ۋاقىت جەھەتتە ئۇزاق؛ خېلى كېيىن كېلىدىغان.
بۇ زالىملارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدىغان چاغلارمۇ يىراق ئەمەس.
ئى. ئىشنىڭ كەلگۈسى، ئىش - پائالىيەتنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى.
يىراقنى كۆزلىمەك. يىراقنى كۆرمەك.
سۈپ. چىقىش كېلىشتە كەلگەن ئايرىم ئىسىم ياكى ھەرىكەتنامىلىرىدىن كېيىن كېلىپ، نەتىجىنىڭ شۇ ئىسىم ياكى ھەرىكەتنامى بىلدۈرگەن ھالغا كەلمىگەنلىكىنى، بەلكى شۇ ھالغا كېلىشتىن كۆپ تۆۋەن، كەم ئىكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ.
- بىز تېخى تەلەپتىن كۆپ يىراق، - دېدى ئايجامال.