Uyghur主要词典
يېپىشىپ ياشىغۇچى ئۆسۈملۈكلەر
领域: بىئولوگىيەباشقا جانلىقلارنىڭ تېنىگە يېپىشىۋالىدىغان، بىراق ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئوزۇقلۇق مۇناسىۋىتى بولمايدىغان ئۆسۈملۈكلەر. مەسىلەن، يۈسۈنلەر، لىشاينىك، مۇخ ۋە پاپوروتنىكلاردىن ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرگىچە بولغان ئۆسۈملۈكلەردە بۇخىل ئەھۋال بار، بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال پاپوروتنىكلار بىلەن تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە كۆپرەك. يېپىشىپ ياشىغۇچى ئۆسۈملۈكلەر ئىسسىق بەلباغدىكى نەملىك دەرىجىسى چوڭراق بولغان ئورمانلىق ئىچىدە كۆپرەك ئۆسىدۇ، سۇپتروپىك بەلباغدىكى سايە نەم ئورمانلىقتىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، دەرەخ غولىدا بىرقانچە ئون سانتىمېتىردىن بىر قانچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆسكەن ئۇشنە، دېىدروبىئۇم ئوتى، قۇش چاڭگىسى ئوتى، لىشاينىك، مۇخ قاتارلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。