Uyghur←Chinese主要词典
يېپىشىپ ياشىغۇچى ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
附生植物
fùshēngzhíwù
باشقا جانلىقلارنىڭ تېنىگە يېپىشىۋالىدىغان، بىراق ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئوزۇقلۇق مۇناسىۋىتى بولمايدىغان ئۆسۈملۈكلەر. مەسىلەن، يۈسۈنلەر، لىشاينىك، مۇخ ۋە پاپوروتنىكلاردىن ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرگىچە بولغان ئۆسۈملۈكلەردە بۇخىل ئەھۋال بار، بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال پاپوروتنىكلار بىلەن تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە كۆپرەك. يېپىشىپ ياشىغۇچى ئۆسۈملۈكلەر ئىسسىق بەلباغدىكى نەملىك دەرىجىسى چوڭراق بولغان ئورمانلىق ئىچىدە كۆپرەك ئۆسىدۇ، سۇپتروپىك بەلباغدىكى سايە نەم ئورمانلىقتىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، دەرەخ غولىدا بىرقانچە ئون سانتىمېتىردىن بىر قانچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆسكەن ئۇشنە، دېىدروبىئۇم ئوتى، قۇش چاڭگىسى ئوتى، لىشاينىك، مۇخ قاتارلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.