يېپىشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھىم چاپلاشماق، مەھكەم يەملىشىپ ئورناشماق، چاپلاشماق:[مىسال:] ئۇ چاپىنىغا يېپىشىپ قالغان بىر تال يىپنى ئېلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر-بىرىگە تېگىپ تۇرماق، يېقىن تۇرماق؛ قويۇق ئالاقىدا بولماق، يېقىن مۇناسىۋەتتە بولماق:[مىسال:] ئۇ بىزگە تازا يېپىشماي تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە مەلۇم بىر مۇددىئا بىلەن ئېسىلىۋالماق، شۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالماق، پېشىگە ئېسىلماق:[مىسال:] يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا (ماقال). [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىك ياكى ئېگىزرەك نەرسىلەرگە ياماشماق:[مىسال:] ھېلىقى بالا بارغان پېتى ھېلىقى يوغان سۆگەتكە يېپىشتى.