Uyghur主要词典
يېڭىلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېڭى ھايات، يېڭى كۆرۈنۈش.
ئۇ خېنىم ھەدەپ كىيىملىرىنى يېڭىلىقىنى كۆز - كۆز قىلىۋاتاتتى.
ئى. ئىلگىرى بولمىغان، يېقىندا كۆرۈلگەن نەرسە ياكى ھادىسە، يېڭى ئەھۋال، يېڭى ھادىسە.
مەن مەركىزىي ئاشخانىغا بېرىپ قايتقۇچە كۈندە مىڭ خىل يېڭىلىقنى كۆرىدىغان بولدۇم.
ئى. يېقىندا ئاڭلانغان، يېڭى بولغان ھادىسىلەر ھەققىدىكى خەۋەر، ئۇچۇر، يېڭى خەۋەر، يېڭى مەلۇمات.
شارابەت ئۇنىڭغا كۆپ يېڭىلىقلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
ئى. جان ت. ئەتىيازدا ھەممىدىن بالدۇر پىشىدىغان مېۋىلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پىشقان مېۋىسى، ئادەتتە ئاساسەن ئۈجمە قاتارلىق مېۋىلەرگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.
- دادا، ساڭا يېڭىلىق ئەكىردىم، - دېدى ئۇ قولىدا كۆتۈرۈۋالغان بەش دانە ئۈجمىنى كۆرسىتىپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يېڭىلىق، ئۆزگىچىلىك.