Uyghur主要词典
يېڭىلمەس فلوت
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىينىڭ ئەنگلىيىگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن قۇراشتۇرغان فلوتى. كاپىتالىزم تېز تەرەققىي تاپقان ئەنگلىيە ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ دائىم ئىسپانىيە مۇستەملىكىلىرى بىلەن ئەتكەس سودىسى قىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش توشۇۋاتقان كېمىلىرىنى بۇلاپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكە تايانچ نۇقتىلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ چوڭ قوشۇن ئەۋەتىپ ئەنگلىيىگە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلغان. 1588 - يىلى 5 - ئايدا كاتتا ئاقسۆڭەك مېدىناسىدونيا (1550 - 1615) باشچىلىقىدىكى يېڭىلمەس فلوت لېسابوندىن يولغا چىققان. مەزكۇر فلوت 130 ھەربىي كېمە ۋە ترانسپورت كېمىسىدىن 7000 كېمە خادىمى ۋە ماتروس، 23 مىڭ پىيادە ئەسكەردىن تەركىب تاپقان. 7 - ۋە 8 - ئايلاردا ئىنگلىز بوغۇزىدا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ زەربىسىگ ئۇچراپ، ئىنتايىن ئېغىر تالاپەت بەرگەن. كېيىن شوتلاندىيىدىن ئايلىنىپ مېڭىپ دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبور بولغان. شوتلاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغىقىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا بوران - چاپقۇنغا ئۇچراپ فلوت پۈتۈنلەي دېگۈدەك غەرق بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيە ئىسپانىيىنىڭ دېڭىز زومىگەرلىك ئورنىغا دەسسىگەن.