Uyghur主要词典
يېڭى ھېكايىلەر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
50 _ يىللاردا مەيدانغا چىققان، فرانسىيدىكى « يېڭى ھېكايىچىلەر » ئېقىمى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ھېكايىنىڭ بىر خىلى.
يېڭى ھېكايە پېرسۇناژلارنى مەلۇم پىسخىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئامىل، ياكى پىسخىك ھالەتنىڭ « ۋاقىتلىق سايمىنى » دەپ قارايدۇ. ئادەمنى ئەمەس، ماددىي دۇنيانى كۆپرەك يېزىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پېرسۇناژلارنىڭ قىياپىتى تۇتۇق، خىرە بولىدۇ، بەزىلىرنىڭ ھەتتا ئىسمىمۇ بولمايدۇ. سۇژېت قۇرۇلمىسىنىڭ بېشى، ئايىغى بولمايدۇ، بەزى چاغلاردا ھېكايە يېشىمىدىن كېيىن يەنە ئېكسپوزىتسىيىسى باشلىنىدۇ، بەزى چاغلاردا پۈتۈن ئەسەر ئاياغلىشىدىيۇ، ۋەقەلىكى داۋام قىلىۋېرىدۇ.
يېڭى ھېكايىلەر ھېكايە سەنئىتىنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش رولىنى ئىنكار قىلىدۇ. « مەن » دىن ئىبارەت ئاڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ « چىنلىق » نى ئىزدەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ رېئاللىقتىن ئايرىلغان ھېكايىلەردۇر.
ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلەردىن سالوتېنىڭ « مارتېلو »، لوب _ گرىيىنڭ « رېزىنكە »، بۇتونىڭ « مىلاندىن ئۆتكەندە » قاتارلىقلار بار.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
60 _ يىللاردا فرانسىيىدىكى « يېڭى < يېڭى ھېكايىچىلەر > » ئېقىمى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ھېكايىلەر.
بۇ خىل ھېكايىلەر « يېڭى ھېكايىلەر » نىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى بولۇپ، ھېكايە تەرەققىياتى بولۇپ، ھېكايە شەكلىنى يېڭىلاش جەھەتتىن، يېڭى ھېكايىلەردىنمۇ يىراققا كېتىپ قالغان. ئۇ تىلنى پۈتۈنلەي « يېڭىلاش » نى، يەنى گرامماتىك قائىدىلەرنىڭمۇ، لوگىكىلىق باغلىنىشنىڭمۇ، تىنىش بەلگىلىرىنىڭمۇ بولماسلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەسەردە جۈملىلەر، جۈملە بۆلەكلىرى، ئابزاسلارمۇ بولماسىلىقىنى، ئوقۇغان كىشىگە ئىپتىدائىي دەۋرگە قايتقاندەك تەسىرات قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئۇ، يازغۇچى شەكىل ئۈستىدە ئىزدەنسىلا بولىدۇ، ھېكايىنىڭ قانداق ئىدىيۋىلىكنى ئىپادىلەشلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق كېرەك دەپ تەرغىپ قىلىدۇ. شۇڭا يېڭى « يېڭى ھېكايىلەر » مۇ ئىجتىمائىي رېئاللىقتىن ئايرىلغان ھېكايىلەردۇر.