Uyghur主要词典
يېگانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تەڭسىز، تەڭداشسىز؛ يەككە، يېگانە، تەنھا:
بۇ مەجمۇئ بىرلە رەۋانە بولۇپ،
ۋەلى دىندا ئانداغ يىگانە بولۇپ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
تەنھا، يالغۇز، مۇڭداشقۇدك ياكى ھەمكارلاشقۇدەك ھېچكىم، ھېچنېمىسى يوق، بىر.
ئۇ يېگانە ئۆزى بىمارغا قاراپ ئولتۇراتتى.
مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە، ھېچكىم ياكى ھېچ نەرسە تەڭ كېلەلمەيدىغان، ھەممىدىن ئېسىل دەرىجىدە، بىرلا.
شاھنىڭ بىرلا ئارزۇلۇق قىزى بار ئىكەن، ھۆسىن - جامالدا يېگانە ئىكەن.