Uyghur主要词典
ياۋروپا ئىسلام مۇدىرىيىتى
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىرايون خاراكتېرلىك ئىسلامىيەتنى ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى بولۇپ، 1973 - يىلى 5 - ئايدا لوندوندا قۇرۇلدى. باش ئورگىنى لوندوندا. بۇ تەشكىلاتقا ياۋروپادىكى 12 دۆلەت (ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق) تىكى 30 نەچچە ئىسلام تەشكىلاتى ئەزا بولدى. مەقستى: مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇش، خەلىقئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ياۋروپادىكى 25 مىليون مۇسۇلمانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەردە شۆبىسى بار.