Uyghur主要词典
ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى (غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ياۋروپادىكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەشكىلات.1957 - يىلى3 - ئايدا فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسىمبورگ قاتارلىق دۆلەتلەر رىمدا «ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىغان،1958 - يىل1 - ئاينىڭ1 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئەنگلىيە، دانىيە، ئىرېلاندىيە، گرېتسىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىلەرمۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بۇ تەشكىلاتقا قاتناشتى، ھازىر ئەزا دۆلىتى25 كە يەتتى (2004 - يىلى).
ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %22.1 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاشقى سودا ۋە ئالتۇن تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئومۇمىي سوممىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەقسىتى ئورتاق بازار بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىچكى قىسىمدا ئورتاق ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويۇش، تاموژنا بېجى قورغىنىنى بىكار قىلىش، بازارنى ئەركىنلەشتۈرۈپ، ئورتاق گەۋدىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادنى تەڭپۇڭ ئاشۇرۇش؛ سىرتقا قارىتا بىردەك پوزىتسىيە قوللىنىش، باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بولغان رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئورتاق گەۋدە قۇرۇلغاندىن تارتىپ1968 - يىلى7 - ئايغىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئىچكى قىسىمدا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجى ۋە چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى، سىرتقا قارىتا ئورتاق تاموژنا بېجى نىسبىتى ۋە ئورتاق سودا سىياسىتىنى يولغا قويدى.70 - يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئاساسىدا، سىياسىينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا «بىر تەلەپپۇزدا سۆزلەش» نى تەكىتلەپ كەلدى.1992 - يىل11 - ئاينىڭ1 - كۈنى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى «ماستىرخېت شەرتنامىسى» كۈچكە ئىگە بولۇپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى» نىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى.
ئورتاق گەۋدىنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتى ئاساسەن مىنىستىرلار كېڭەش مەجلىسى، كومىتېت، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا سوت مەھكىمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياكى باشلىقلار يىغىنى قەرەللىك ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ تەشكىلات1975 - يىلى دۆلىتىمىز بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان،1978 - يىلى جۇڭگو - ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى سودا كېلىشىمى تۈزۈلدى،1981 - يىلى دۆلىتىمىزگە سودىدا ئەڭ ئېتىبار بېرىش ئىمتىيازى بېرىلدى.
دۇنيا تارىخى
ياۋروپا ئىقتىسادىي گۇرۇھى ياكى غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غەربىي ياۋروپادىكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي گۇرۇھ. 1957 - يىل 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى فرانسىيە، فېدېراتىپ گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبۇرگتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت رىمدا <ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1958 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلغان. 1968 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە كەلگەندە، ئەسلىدە بەلگىلەنگەنئالتە دۆلەت ئارا سانائەت بۇيۇملىرىنى ئەركىن ئالماشتۇرۇش، چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىنى مۇددەتتىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغان. يەنە ئورتاق يېزا ئىگىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورتاق يېزا ئىگىلىك فوندى تەسىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئالتە دۆلەت مال، ئەمگەك كۈچى ۋە مەبلەغ ئەركىن ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئورتاق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن. 1973 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەنگلىيە، ئىرلاندىيە، دانىيە رەسمىي ئەزا بولغان. 1981 - يىلى گرېتسىيە رەسمىي ئەزا بولغان، 1972 - 1973 - يىللىرى نورۋېگىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە، ئىسلاندىيە، پورتۇگالىيە، فىنلاندىيە بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان، غەربىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەتتە ئەركىن سودا رايونى قۇرغان. 1975 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1975 - يىلى 2 - ئايدا ۋە 1979 - يىلى 10 - ئايدا ئافرىقا، كارىپ دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىككى قېتىم <لومې كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. يەنە ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلاردىكى بىرقانچە ئون دۆلەت بىلەن ئالاقە باغلىغۇچى دۆلەت كېلىشىمى ياكى ئىمتىيازلىق چېگرا بېجى كېلىشىمى ئىمزالىغان. مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى ئالىي سىياسەت بەلگىلەش ئورگىنى، ئىجرائىيە كومىتېتى ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى، بۇ ئىككى ئورگان بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان؛ ياۋروپا پارلامېنتى تەپتىش ئورگىنى بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان؛ سوت مەھكىمىسى ئالىي كېسىم چىقىرىش ئورگىنى بولۇپ، ليۇكسىمبۇرگتا تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇددەتلىك ھالدا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ۋە مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاشقى سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ تۇرغان. باش ئورگىنى بىريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان. ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر 100 دىن ئاشىدۇ.