Uyghur主要词典
ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى مەسچىتلەر مۇدىرىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دۇنيادىكى مەسچىتلەر ئالىي مۇدىرىيىتى (مەككە) گە قاراشلىق ئورگان بولۇپ، باش ئورگىنى بروسسىلدا. 1980 - يىلى 12 - ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك مۇدىرىيەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. بىلگىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، دانىيە، گوللاندىيە، رۇمىنىيە، شۋېيتسارىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرىدۇ. ئىمام تەربىيىلەش مەركىزى ۋە ئىسلام رادىئو ئىستانسىسى تەسىس قىلدى. پائالىيەت خىراجىتىنى ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى (مەككە) تەمىنلەيدۇ. ئاساسىي پائالىيىتى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئىماملارنى چەت ئەللەردىكى مەسچىتلەرنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ، ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىمام تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئاچىدۇ؛ مەسچىتلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ياخشىلايدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. <مەسچىت تەبلىغاتى> ناملىق ژۇرنال (ئىنگلىزچە) چىقىرىدۇ.