Uyghur主要词典
يارانماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا بىرەر تەمە بىلەن ھۈرمەت قىلماق، ئۇنى ئورۇنسىز ماختانماق، ئۇنىڭغا يېلىنماق.
خۇشامەت قىلغانغا قورساق تويماس. خۇشامەت قىلالىغان ئادەم تۆھمەتمۇ قىلالايدۇ. كۈچۈكلەنگەن دوست ئەمەس. ھەي ئىنسان، قۇيرۇق شىپاڭلىتىش ئىتنىڭ ئىشى.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
ياخشى كۆرۈنمەك، يارىماق. مەسىلەن:
قارىپ قالسام يۈرۈيمەن،
تىرەك ئاسا تايانىپ.
ئونلۇقتىن بالىق توشۇپ ،
ئاداشىمغا يارانىپ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خۇشامەت قىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<يارىماق> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
يارىتىش خۇدادىن، يارىنىش ئۆزۈڭدىن (ماقال).