Uyghur主要词典
ياراملىق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە يارايدىغان.
بولۇمسىز، يارامسىز
ئىش - ھەرىكەتكە يارىمايدىغان.
بولۇملۇق يىگىت قىلغان ئىشىدىن مەلۇملۇق. بولۇمسىزغا بولۇپ بەردى، پۇت - قولىنى قويۇپ بەردى. بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خورجۇن - قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم. ياراملىق يىگىت ھەممىگە يارايدۇ، يارامسىز يىگىت تۈز يەردىمۇ غۇلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىرەر ئىشقا، ئىستېمالغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، سۈپىتى يوقالمايدىغان، ئۆزگەرمىگەن.
ياراملىق مەھسۇلات. ياراملىق ماتېرىيال.
تۇرمۇشتا ئەڭ يارامسىز نەرسە — مال - مۈلۈك، ئەڭ ياراملىق نەرسە — ئەقىل - پاراسەت.
كۆچمە. بىرەر ئىشقا يارايدىغان، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان؛ قابىلىيىتى بار، قابىلىيەتلىك.
ئۇ رەيھاننى ئوقۇتۇشنى، ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى قىلغانىدى ۋە بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتى.