Uyghur主要词典
يارامسىز
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە يارىمايدىغان.
بولۇملۇق، ياراملىق
ئىش - ھەرىكەتكە يارايدىغان.
بولۇملۇق يىگىت قىلغان ئىشىدىن مەلۇملۇق. بولۇمسىزغا بولۇپ بەردى، پۇت - قولىنى قويۇپ بەردى. بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خورجۇن - قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم. ياراملىق يىگىت ھەممىگە يارايدۇ، يارامسىز يىگىت تۈز يەردىمۇ غۇلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىرەر ئىشقا، ئىستېمالغا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان، سۈپىتىنى يوقاتقان، ئۆزگەرتكەن؛ يارىماس.
يارىماس تۆمۈر، يارامسىز مەھسۇلات.
كۆچمە. بىرەر ئىشقا يارىمايدىغان، بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان؛ ناقابىل، قابىلىيەتسىز.
زور - زور ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئالدىدا مېڭىپ، كۆپچىلىككە يول باشلاپ كەلگەن ئادەملەر ئىدۇق، ئەمدى يارامسىز بولۇپ قالدۇقمىكىنە؟