Uyghur主要词典
يادرو تۆشۈكچە كومپلېكس تەنچىسى
领域: بىئولوگىيەگە ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا يادرو پەردىسىدە دىئامېترى تەخمىنەن 40 ~ 150 مىللىمىكرون كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان مىكرو تۆشۈكچىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ مىكرو تۆشۈكچىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يادرو پەردە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ سەككىز پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يادرو تۆشۈكچىسى مۇرەككەپ تۈزۈلۈشكە ئىگە، بەزىلەر تۆشۈكچىنىڭ ئەتراپىدا رەتلىك تىزىلغان سەككىز جۈپ شار شەكىللىك دانىچە، تۆشۈكچىنىڭ مەركىزىدە بىر دانىچە (پۈتۈن تۆشۈكچىنى ئېتىۋالمايدۇ)، تۆشۈكچە تېمىدىن مەركىزىي دانىچىگىچە يەنە شەكىلسىز ماددىدىن تۈزۈلگەن نېپىز بىر قەۋەت ئايرىغۇچى پەردە بولىدۇ ھەمدە ئىنچىكە يىپچىلەر بىلەن ئەتراپىدىكى تۆشۈكچە دىۋارىغا تۇتىشىدۇ - دەپ قارىماقتا. مۇرەككەپ بولغان بۇ تۈزۈلۈش يادرو تۆشۈكچە كومپلېكس تەنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈزۈلۈشنىڭ رولى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئۇ ماددىلارنىڭ سىتوپلازما بىلەن يادرو ئارىلىقىدا ئالمىشىشىغا نىسبەتەن بەلگىلىك كونترول قىلىش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。