يادروچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ئىچىدىكى نۇر سۇندۇرۇش كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان شارسىمان تەنچە. ئۇ ئاقسىللىق تەنچىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان يادرو قەنت كىسلاتاسىنى سىنتېزلىغۇچى مەيدان ھېسابلىنىدۇ. يادروچاق ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يوقىلىپ، كېيىنكى دەۋرىدە پەيدا بولىدۇ.