Uyghur主要词典
يادرو پەردىسى
بىئولوگىيە
ياكى <يادرونى ئورىغۇچى پەردە> دەپ ئاتىلىدىغان، يادرونىڭ ئاساسىي ماددىسىنى ئوراپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، سىرتقى پەردە ۋە ئىچكى پەردە دېيىلىدىغان ئىككى قەۋەتتىن تۈزۈلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا يادرو ئەتراپى بوشلۇقى بولىدۇ، سىرتقى پەردىنىڭ يۈزىدە رىبوزوما بولىدۇ. يادرو پەردىسى ۋە يادرو ئەتراپ بوشلۇقى، ئىچكى پلازما تورى پەردىسى ھەمدە بوشلۇقى بىلەن ئۆز ئارا تۇتىشىدۇ. يادرو پەردىسىدە يادرو تۆشۈكچە كومپلېكس تەنچىسى بولۇپ، يادرو ئاساسىي ماددىسى بىلەن سىتوپلازما ئارىلىقىدا ماددىلار توشۇلۇپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. يادرو پەردىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، يادرودىكى ئىرىسي ماددىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلىشىغا نىسبەتەن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.