Uyghur主要词典
ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلۇقى
پسىخولوگىيە
بۇمۇ ھېسسىياتنىڭ بىر سۈپىتى. ئۇ ھېسسىياتنىڭ كىشىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىدىكى باغلىنىشلىرىنىڭ ئومۇمىيلىقى بىلەن چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. چوڭقۇر ھېسسىيات كىشى تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭگەن، كىشى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىگە باغلانغان بولىدۇ. كىشىنىڭ پسىخىك پائالىيىتىدىكى ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يۈزەكى ھېسسىيات كۆرۈنۈشتە ناھايىتى كۈچلۈك ئىپادىلەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئىش ئۆتۈپ ئەھۋال ئۆزگەرسە، ھممە نېمە پاك - پاكىزە ئۇنتۇپ كېتىلىدۇ.