Uyghur主要词典
ھېس ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىدىكى بىر قېتىملىق سىياسىي زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. 1949 - يىلى <دەۋر> ژۇرنىلىنڭ تەھرىرى ۋىتتاك چامبېرىس (1901 - 1961) ئامېرىكىغا قارشى پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈش كومىتېتىغا گوۋۇيۈەننىڭ سابىق ئەمەلدارى ئالگېرھېس (1904) نىڭ ئۆزىنى روسىيىلىكلەرگە بېرىدىغان مەخپىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى پاش قىلغان. ھېس بۇ ئىشنى ئىقرار قىلمىغان. بىراق ھېس يەنىلا جىنايەتچى دەپ بېكىتىلىپ، بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 1954 - يىلى تۈرمىدىن چىققان. ئۇ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى باشتىن - ئاياغ ئىنكار قىلغان. كېيىن <جامائەتچىلىك سوت مەھكىمىسى> ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىقىپ بۇ ۋەقەنى ئاقلىغان.