Uyghur主要词典
ھېسسىيات تۇراقلىقلىقى
پسىخولوگىيە
بۇمۇ ھېسسىياتنىڭ ئاساسىي سۈپەتلىردىن بىرى. ئوڭاي ئۆزگەرمەيدىغان مۇستەھكەم ھېسسىيات تۇراقلىق ھېسسىيات ياكى ھېسسىياتنىڭ تۇراقلىقلىقى دېيىلىدۇ. بۇ ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلۇقلىقى دېيىلىدۇ. بۇ ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق، چوڭقۇر ھېسسىيات بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم چىڭ ۋە مۇقىم ھېسسىيات بولۇپ، تاشقى تاسادىپىي تەسىرلەرگە بېرىلمەيدۇ. ئەكسىچە، يۈزەكى ھېسسىيات چوقۇم تەۋرىنىپ تۇرىدىغان ۋە ئوڭاي ئۆزگىرىدىغان ھېسسىيات بولىدۇ. چىڭ بولمىغان ھېسسىياتتا دائىم ئىككى خىل شەكىل ئىپادىلىنىدۇ: بىر خىلى، تۇراقسىز ياكى بەك سەزگۈر بولۇپ، ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ، ئۇ ناھايىتى ئوڭايلا يېڭىسى بىلەن ھەتتا پۈتۈنلەي ئەكسىچە ھېسسىيات بىلەن ئالمىشىدۇ. يەنە بىر خىلى تېزلا ئاجىزلايدۇ، باشتا ئوتتەك قىزىسىمۇ، كېيىن بىردىنلا سوۋۇپ كېتىدۇ.