Uyghur主要词典
گىئوتتو
دۇنيا تارىخى
(1266 - 1337) ئىتالىيىدە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنشى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى رەسسام. فلورېنسىيە ئەتراپىدا تۇغۇلغان. 13 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا رىمغا بېرىپ، رىم رەسسامچىلىرىنى ئۇستاز تۇتقان. 1307 - يىلدىن كېيىن، ئۇزاققىچە فلورېنسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. رەسىم ماتېرىياللىرىنى تاللاشتا دىنىي ھېكايىلەردىن چىقىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن رەسىمدىكى شەخستە دەھرىيلىك ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەنلىكتىن، غەربىي ياۋرۇپادىكى رېئالىزملىق رەسىم سەنئىتىنىڭ پېشۋاسى دە قارالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن پارويە شەھىرىدىكى ئارىنا چېركاۋى (يەنە بىر ئىسمى سكوروبېن چېركاۋى) ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن ئىچكى زىننەت تام رەسىمى <ئاننا بىلەن يوئاسنىڭ پىنھان ئۇچرىشىشى>، <مىسىردىن قېچىپ چىقىش>، <يودانىڭ سۆيۈشى> قاتارلىقلار بار. 1334 - يىلى فلورېنسىيە چېركاۋىنىڭ ئارخىتېكتورى بولۇپ، مەشھۇر سائەت مۇنارلىق بىنانى لايىھىلەپ چىققان.